بۈگۈن قۇندۇز ئۈچۈن قورقۇنۇچلۇق بىر كۈن ئىدى ،چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىسى ئېرپان چەتەلدىن قايتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى .قۇندۇز6ياشقا كىرگەن يىلى ئۆز ئاتا ئانىسى ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان بولۇپ ھازىرقى ئاتا ئانىسى تۇرسىناي بىلەن سەمەت ئۇنى بىقىۋالغان ئىدى .ئۇلار ئابرۇيلۇق باي كىشىلەر بولۇپ دۇنيالىقتا پەقەت بىرلا ئوغلى بار ئىدى ،ئېرپان قۇندۇزدىن ئايلىق كىچىك بولۇپ قۇندۇزمۇشۇ ئۆيگە قەدەم باسقان شۇ كۈندىن تارتىپ ئېرپانغا بوزەك بوپ كىلىۋاتاتتى .گەرچە تۇرسىناي بىلەن سەمەت ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرسىمۇ لىكىن ئېرپان ئۇنى ئەزەلدىن ئۆز ئاچىسىدەك كۆرۆپ باقمىغان ئىدى .تەلەيگە تولۇق ئوتتۇرغا چىقىدىغان يىلى سەمەتنىڭ نىيۇرۇكتىكى يىقىنن دوستى ئېرپاننى نىيۇرۇكقا ئىلىپ كىتىش تەكلىپىنى بەردى ،گەرچە ئوغلىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىسىمۇ لىكىن ئاتا ئانىسىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ كۈندىن كۈنگە ئەركە ئۈگىنىپ كىتىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ سەمەت بۇ پىكىرگە قوشۇلغان ئىدى .يولغا چىقىدىغان كۈنى سەمەت تۇرسىناي قۇندۇز يەنە باشقا تۇققانلارمۇ ئۇنى ئۇزاتقىلى يىغىلغان ئىدى ،ئۇ كۈنى ئېرپاننىڭ نىمىشقىدۇر كەيپى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى .«شۇنداق قىپ قاچان ماگىسەن؟»تۇيۇقسىز كەلگەن بىر ئاۋاز ئۇنىڭ ئوي خىيالىنى بۇزۋەتتى،بۇ ۋەلى يەنى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىنىسى ھەم ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ئۆتىدىغان تاغىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى.«ئەتە!»ئىرپان تۆۋەن ئاۋازدا خوش ياقمىغەندەك جاۋاپ بەردى .«ھە بوپتۇ باغانكەنسە ياخشى ئوقۇپ كەل ،بۇدا كەتسەڭ خىلىغىچە كۆرۆشەلمىگۈدەكمىز ،ياخشى ئادەم بول جۇمۇ »بۇ گەپ تۈگىشى بىلەنلا تۇققانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى ۋىكيۇچاتىلى ئىچىۋېتىلگەن مۇزىكا قۇتىسىدەك بەس بەستە سايراپ كىتىشتى .ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېرپاننىڭ بالا ۋاخلىرىدىكى ئىشلىرىنى تىلغا ئالسا يەنە بەزىلىرى ھازىرقى تۇرمۇشى توغرىسىدىكى پاراڭلارنى قىلىۋاتاتتى .بۈگۈن قۇندۇز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشاللىق كۈن ئىدى چۈنكى ئىرپان كەتسىلا بۇ ئۆي ئۇنىڭغا ئوڭچە قالاتتى مۇشۇلارنى ئويلىسىلا ئۇ نىڭ قول پۇتى ئىتتىكلىشىپ ئىشلارنى چاققانلىق بىلەن قىپ كىتەتتى خۇددى ۋاقىتنى تىزراق ئۆتكۆزۆپ ئەتىنىڭ تىزراق كىلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى .«سەمەتنىڭ بەك كاللىسى ئىشلەيدۇ جۇمۇ مانا بىر قىزلىق بوپقالدى نىمدىگەن ياخشى مۇشتا ۋاخلادا قولىغا قول پۇتىغا پۇت مانا بىلگەن بولسام مەنمۇ قىز بىقىۋالاتتىمكە »سەمەتنىڭ ئاچىسى ھۆسنىگۈل ھەۋەس بىلەن قۇندۇزغا قاراپ دىدى.دىمىسىمۇ ھۆسنىگۈلنىڭ 3ئوغلى بار بولۇپ قىز پەرزەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى .«شۇنى دىگىنە،بۇ قۇندۇز بەك ۋاپادار قىز بوپتۇ قولىنىڭ ئەپچىللكىچۇ تىخى»سەمەتنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى گۈزەلنۇرگەپ قاتتى .گۈزەلنۇرباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئلقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىرپان بىلەن قۇندۇز ئۇ ئىشلەيدىغان مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇ ئىرپاننىڭ مەكتەپتە قۇندۇزنى بوزەك قىلىشىغا يول قويماتتى .مۇشۇلارنى ئويلاپ ئېرپان ئىختىيارسىز ھالدا ئاشخانىدا ئاپىسىغا قارىشۋاتقان قۇندۇزغا قارىدى.قۇندۇز پۈتۈن زىھنى بىلەن چۆچۆرە تۈگۋاتاتتى بۈگۈن ئۇنىڭ چىرايلىرى باشقىچە ئىچىلىپ كەتكەن بولۇپ قارماققا رەڭگى روھى ئىنتايىن ياخشى ئىدى ،ئىرپان ئەزەلدىن قۇندۇزنىڭ بۇنداق خوشال تۇرغىنىنى كۆرۆپ باقمىغان ئىدى .بۇنى كۆرگەندىنكىن ئېرپاننىڭ تىخىمۇ بەك جۇدۇنى ئۆرلەپ قويقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى .
ئايرىلىش1.
图片发自简书App
最后编辑于 :
©著作权归作者所有,转载或内容合作请联系作者
平台声明:文章内容(如有图片或视频亦包括在内)由作者上传并发布,文章内容仅代表作者本人观点,简书系信息发布平台,仅提供信息存储服务。
平台声明:文章内容(如有图片或视频亦包括在内)由作者上传并发布,文章内容仅代表作者本人观点,简书系信息发布平台,仅提供信息存储服务。