ئۇنتۇلماس ساۋاق2.

图片发自简书App


خەپ «قۇندۇز بۈگۈن ئىسىڭدىن چىقمىغۇدەك ساۋاق بىرىپ قويمىسام»دەپ ئويلىدى ئىرپان .كەچ بولۇپ مىھمانلار ئۇزىغاندىن كىيىن  قاچاقۇمۇچلارنى يىغىشتۇرۋاتاتتى سەمەت بىلەن تۇرسۇناي ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىپ كىتىشتى .مۇشۇ پەيتنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئېرپان ئىككى پۇتىنى ئۈستەلگە ئىلىپ سافادا كۆرەڭلىك بىلەن  قۇندۇزغا قاراپ ئولتۇراتتى .ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى تۈككەندىن كىيىن قۇندۇز يۈز كۆزىنى يۇيۇپ ھۇجرىسىغا ماڭدى .«نەگە ماڭدىڭ؟»دىدى ئېرپان باشلىقلارغا خاس تەلەپپۇز  بىلەن،بۇ گەپنى ئاڭلىغان قۇندۇز نىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىق نۇرى ئۆچتى ئۇ ئەمدىلىكتە يەنە بۇ بايۋەتچىدىن دەشنام يەيدىغىنىنى مۆلچەرلەپ بولغان ئىدى.

ھۇجرامغا-

ھە !بۇياققا كىلە! -

قۇندۇز ئىھتىيات بىلەن ئېرپاننىڭ يىنىغا باردى .«يىنىمدا ئولتۇرە»قۇندۇز ئېرپاننىڭ يىنىدىكى ئورۇندا ئولتۇردى ، كىچىكىدىن تارتىپ ئېرپان نىمە دىسە قۇندۇز شۇنى قىلاتتى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىرپاننىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ بىشىنى سىلىغان بولغاچقا ئۇ ئۇلارنىڭ ئوغلى بىلەن تەڭ تۇرماسلىقى كىرەك ئىدى .گەرچە ئىرپان قۇندۇزدىن كىچىك بولسىمۇ بويى ئىگىز غولىسى كەڭ ئىنتايىن قامەتلىك ئىدى بۇنىڭغا ئۇنىڭ ھازىرقى پۇت قولىنى سوزۇپ كىرىلىپ ئوتتۇرىشىنى قوشقاندا قۇندۇز قارماققا ئۇنىڭ  بىر پۈۋلىشىنىمۇ كۆتۆرەلمەيدىغەندەك كۆرۆنەتتى .بۇلارنى ئويلاپ قۇندۇزنىڭ بەدىىنى ئىختىيارسىز  تىترەك باستى ئۇن ھازىرقى تۇرقىداخۇددى ئىمتىھان قەغىىنى  دادىسىغا كۆرسىتىۋاتقان كىچىك بالىدەك قورقىۋاتقان ھەم جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى.كۆڭلىدە ئەتىدىن تارتىپ ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئۆزىگە تەسەللى تىپپاتقان ئىدى.ئىرپان قول پۇتىنى يىغىشتۇرۇپ قۇندۇزغا سىنچىلاپ قارىدى ئاندىن ئۇ يانچۇقىدىن قارماققا قەلەمگە ئوخشىشىپ كىتىدىغان غەلىتە بىرنەرسىنى ئالدى . ئىرپاننىڭ چىرايىدا پەيدا بولغان  سىرلىق كۈلكىنى كۆرگەن قۇندۇزنىڭ تىنى شۇركىنىپ كەتتى ئۇ بىرنىملەرنى دىمەكچى بولدىيۇ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ئىرپانغا قاراپ ئاغزى گەپكە كەلمەي ھەتتا بەدىنىمۇ  سىمۇتتا قاتۇرۇپ قويغاندەك مىدىرلىتالمھاۋاتايتى .

-كەينىڭگە ئۆرۆل!

قۇندۇز يۇۋاشلىقچە كەينىنى قىپ ئولتۇردى ،ئىرپان قۇندۇزنىڭ چىچىنى قايرىپ ئۇنىڭ گەجگىسىگە ھىلىقى قەلەمدى قانداقتۇر بىرنەرسىلەرنى يىزۋاتاتتى .قۇندۇزنىڭ گەجگىسى قاتتىق ئىچىشىپ ئاغرىپ كىتىپ باراتتى لىكىن ئۇ ۋارقىراشقا ياكى قارشىلىق بىلدۇرۇشكە جۈرەت قىلالماييتىئى .

-بولدى ئويۇپ بولدۇم 

دىدى ئنرپان قەلەمنى يىغىشتۇرغاچ.قۇندۇز دەرھال ئەينەكنى ئېلېپ گەجگىسىگە قارىدى  ،ئۇنىڭ گەجگىسىدە قىپقنزىل قانغا مىلەشكەن  ھالدا «ئېرپان»دىگەن  خەت يىزىقلىق ئىدى .بۇنى كۆرۆپ قۇندۇز ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ سالدى.

-ماڭا نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز

دىدى قۇندۇز يىغلاپ تۇرۇپ .ئىرپان قۇندۇزنىڭ يىغلىغىنىغا قاراپ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي بىردەم ئوتتۇرۋەتكەندىن كىيىن 

-مىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ

دەپ جاۋاپ بەردى ھەم ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

最后编辑于
©著作权归作者所有,转载或内容合作请联系作者
【社区内容提示】社区部分内容疑似由AI辅助生成,浏览时请结合常识与多方信息审慎甄别。
平台声明:文章内容(如有图片或视频亦包括在内)由作者上传并发布,文章内容仅代表作者本人观点,简书系信息发布平台,仅提供信息存储服务。

相关阅读更多精彩内容

友情链接更多精彩内容